ئامېرىكا خىتايدىكى پۇقرالىرىنى غەلىتە ئاۋاز ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.05.23

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى بۈگۈن بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، خىتايدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنى غەلىتە ئاۋاز ھۇجۇمىغا پەخەس بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ گۇاڭجۇدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا قۇلاق تۈۋىدە غەلىتە بىر ئاۋاز پەيدا بولۇش بىلەن يېنىك ھالدا مېڭە زەخىملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن. كونسۇلخانا بۇ زەخمىلىنىشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر خادىمنى ئامېرىكىغا يولغا سالغان.

ئەلچىخانا بۈگۈنكى بۇ ئۇقتۇرۇشىدا، ئۆز خىزمەتچىسى خىتايدا يولۇققان بۇ غەلىتە ئاۋاز ھۇجۇمىنى 2016-يىلى كۇبادا يۈز بەرگەن ئاۋاز ھۇجۇمىغا ئوخشىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈش جەرياندا ھەر خىل ئېھتىماللىقنىڭ كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى بىر ئەلچىخانا خادىمىمۇ ئەينى چاغدا غەلىتە ئاۋاز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان؛ بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا شۇ چاغدا كۇبانى ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىملىرىنى قوغدىماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ، كۇبانىڭ ئامېرىكىدىكى 16 نەپەر دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. كۇبا ھۆكۈمىتى ئۇ چاغدا غەلىتە ئاۋاز ھۇجۇمىنى ئىنكار قىلىپ، بۇنىڭ بىر تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كانادا ھۆكۈمىتىمۇ ئۆتكەن ئايدا كۇبادىكى بىر خىزمەتچىسىنىڭ غەلىتە ئاۋاز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن كۇبادىكى ئەلچىخانا ئائىلە-تاۋىئاباتىنى يۆتكەپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتايدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا مەزكۇر ھادىسە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان؛ ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىش تەلىپىگە ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرمىغان.

ئەلچىخانا بۈگۈنكى ئۇقتۇرۇشىدا خىتايدىكى ئۆز پۇقالىرىنى غەلىتە ئاۋاز ھۇجۇمنىڭ ئالامىتىنى بايقىغاندا، دەرھال تۇرۇۋاتقان ئورنىدىن باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.