ۋىرۇس مەسىلىسى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى خىرىسلارنى ئاشكارىلىماقتا
2020.03.19
ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇس دۇنياغا يامراپ مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ جېنىنى ئالغان، يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە مۇشۇ ۋىرۇستىن ئۆلۈپ كېتىشى رېئاللىققا ئايلىنىۋاتقان ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر داۋالغۇشلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقاندا خىتاينىڭ بىردىنلا باشقىلارنى تەنقىدلەشكە ئالدىراپ كېتىشى دۇنيا جامائىتىگە يەنە بىر چوڭ سوئالنى تاشلىدى. ئەنگلىيەلىك سىياسىيون نايجىل فاراج «خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 19-مارت سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشنىڭ تەخىرسىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشى، يەنە باشقىلارنىڭ بولسا بۇ ۋىرۇسنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان دىپلوماتىك تالاش-تارتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى شىددەت بىلەن يامراۋاتقاندىمۇ بۇ ئەھۋالنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ غايەت زور ئۆلۈم-يېتىمگە سەۋەبكار بولغانلىقىنى «دېموكراتىيە بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم پەيدا قىلغان زور پاجىئە» دەپ تەنقىدلىدى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى تۇرمۇشتىكى مەينەتچىلىك بۇ قېتىمقى ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى بىر سەۋەب، دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدا بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىدىنمۇ خەۋپلىك بولغان كوممۇنىزم دىكتاتورىلىقى مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ «دۇنيا يەرشارىلىشىشنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئەلا كۆرۈۋاتقاندا، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار باستۇرۇلۇۋاتقاندا بىزنىڭ سىياسىيونلىرىمىز تىغ ئۇچىنى دونالد ترامپقا ئەمەس، ئەكسىچە شى جىنپىڭغا قارىتىشى لازىم» دەپ كۆرسىتىدۇ.
نايجىل فاراجنىڭ پىكرىچە، دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقنى ئالاھىدە قەدىرلەپ كەلمەكتە. غەرب بازىرىنىڭ تەمىنات ھالقىلىرى بارغانسېرى خىتايدىكى ئەرزان ئەمگەككە تايىنىپ قالماقتا. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ تەسىرى ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي سىستېمىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىجابىيلىقنى ئاساس قىلغان دۆلەت خاراكتېرىنى تەتۈرسىگە چىرىتىشكە ئۇرۇنماقتا. بۇ بولسا ئىلگىرىكى سارس كېسىلى، چوشقا زۇكىمى ۋە ھازىرقى تاجسىمان ۋىرۇستىنمۇ ئېغىر بولغان بىر يېڭى تەھدىتتىن بېشارەت بەرمەكتە. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «كېسىپ ئېيتىمەنكى، شى جىنپىڭ بىزنىڭ دوستىمىز ئەمەس. بۇنداق بىر ۋەھشىيانە ھاكىممۇتلەقلىق دۇنياغا بۇنىڭدىنمۇ زور ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دەيدۇ. شۇنداقلا غەرب دۇنياسىنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشكە چاقىرىدۇ.









