خىتاي بىلەن رۇسىيە ئالتاينى كېسىپ ئۆتىدىغان غەربىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-05-08
Share

رۇسىيە گازپروم شىركىتى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نچپچ جۈمە كۈنى ئالتاينى كېسىپ ئۆتىدىغان غەربىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. بۇ كېلىشىم جۈمە كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادمىر پۇتىن كرېمىلدا ئىمزالىغان 25 مىليارد دوللارلىق 32 خىل ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى.

غەربىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئىزچىل قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن. مۇھىت قوغدىغۇچىلار، بۇ يول ئالتاي مەنزىرىلىك رايونى-قاناس كۆلىدىن يېنىدىن ئۆتكەچكە ئۇ مەزكۇر مەنزىرىلىك رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دەپ قارشى تۇرغان ئىدى.

گازپرومنىڭ باشلىقى ئالېكسىي مىللېر رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى - قانال 24 كە قىلغان سۆزىدە، قاناس ئۆتكىلى رۇسىيەنىڭ خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ، دېگەن.

ئالتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ دەسلەپكى يىللىق گاز توشۇش ئىقتىدارى 30 مىليارد كۈپ مېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. لېكىن رۇسىيە ئاخباراتى، بەلكىم، ئۇنىڭ توشۇش ئىقتىدارى كېيىنرەك كۆپەيتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە ئاخباراتى‏-ت ئا س س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئالتاي تۇرۇبا يولى ياكى غەربىي لىنىيە تۇرۇبا يولى رۇسىيەنىڭ ياۋروپا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىغا رىقابەتچىكەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى جۈمە كۈنى باشلاندى. ئۇ 9‏-ماي كرېمىل مەيدانىدا 2‏‏- دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت