ئۇيغۇرلار دىيارىدا تۇنجى غول ھۈجەيرە سانائەت بازىسى قۇرۇلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۇنجى غول ھۈجەيرە كلىنىكىلىق سانائەت بازىسىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى 9-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سانائەت بازىسىنى «يىجيايۈ بىئو-تېخنىكىلىق چەكلىك شىركىتى» قۇرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 420 مىليون سوم (تەخمىنەن 66 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىنغان.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 17-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر سانائەت بازىسى تۆت گېكتار (60 مو) يەر ئىگىلەيدىكەن. 2020-يىلى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن مەزكۇر بازا غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ۋە راك كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنى داۋالاش قاتارلىق تۈرلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر بازا پۈتكەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى نۇردا داۋالاش، خىمىيەۋى ئۇسۇلدا داۋالاش، ئوپېراتسىيە قىلىشتەك كونا ئۇسۇلدا ئەمەس، بەلكى ئىممۇنېت ھۈجەيرىلىرى جانلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق داۋالايدىكەن.

تېببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى ئەنۋەر توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى راك كېسەللىرى بىمارلىرىنىڭ سانى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ئون ھەسسىلەپ يۇقىرى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆپ يىللىق ئاتوم سىنىقىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى ئىكەن. ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلەر يېڭىدىن قۇرۇلماقچى بولغان بۇ بازىنىڭ ئۇيغۇر بىمارلىرىغا قانچىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن تولىمۇ گۇماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوف غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىدە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت