خىتاي غۇلجىدا ئاساس قاتلام كادىرلىرىغا كۇرس ئېچىپ، نىكاھ، دەپنە ۋە بالىلار ئىشلىرىدا كۆرسەتمە بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-05
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى 4‏-دېكابىر كۈنى غۇلجا ناھىيەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسى قاتلاملىرىدىكى خەلق ئىشلار كادىرلىرىغا كۇرس ئېچىپ، ئىجتىمائىي رايون ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى قانداق كونترول قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، نىكاھ، دەپنە ۋە بالىلار ئىشلىرىنى ئىشلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.

«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر كۇرسقا ئالتاي، چۆچەك، سانجى، بورتالا، كورلا قاتارلىق 9 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرنىڭ ئاساسى قاتلاملىرىدىكى 400 دەك خەلق ئىشلار كادىرى قاتناشقان. ئاساسى قاتلامدىكى خەلق ئىشلار كادىرلىرىنىڭ «ئۇنىۋېرسال كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كۇرسى» نامىدىكى مەزكۇر كۇرس خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى، بالىلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز قېلىشىنى، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسى ئۈزۈلۈپ، قۇتقۇزۇشقا تايىنىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن بىر مەزگىلدە ئېچىلغان.

بۇ ئەھۋال خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ چوڭقۇر ئەندىشىسىنى قوزغىغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى يېقىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى، يۇقىرىقى ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، كۇرسانتلارغا كەنت ۋە ئىجتىمائىي رايونلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنى قانداق ئېنىقلاش، قانداق تەستىقلاش، خەلق ئىشلار خىزمىتىنى قانداق ئۆلچەملەشتۈرۈش، نىكاھ، دەپنە ئىشلىرىنى، بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قانداق قىلىش، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە يوليورۇق بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت