«زىمىستان تورى» غۇلجىدىكى بىر لاگېر ھەققىدە يېڭى پاكىتلارنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز سادا
2018-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپلەپ ئاشكارىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، غۇلجا شەھىرى يېڭىيەر يېزىسىدىكى مەلۇم بىر «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىدىن بايقالغان پاكىتلار «زىمىستان تورى» تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان.

«زىمىستان تورى» نىڭ 11-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرى يېڭىيەر يېزىسىدىكى تەربىيەلەش مەكتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلار ۋە خىزمەتچىلەر چوقۇم رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بىر يۈرۈش قائىدە-تۈزۈملەر ئالاھىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن.

تۇتقۇنلارغا دائىر مەزمۇندا ئاساسلىقى تۇتقۇنلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلغاندا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر، يەنى تېلېفون قىلىش ۋاقتى بەش مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، تېلېفون قىلىشتىن بۇرۇن خىزمەتچى خادىملارغا تىزىمغا ئالدۇرۇش. . . قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان.

خىزمەتچى خادىملارغا بېكىتىلگەن تۈزۈم بولسا ھەر دائىم تولۇق قوراللىنىش، بىنا ئىچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش. . . قاتارلىقلار ئىكەن.

«زىمىستان تورى» 26-نويابىر كۈنى يۇقىرىدا دېيىلگەن لاگېرىنىڭ ئىچ كۆرۈنۈشى تەپسىلىي سۈرەتكە ئېلىنغان بىر سىن كۆرۈنۈشنى تارقاتقان ئىدى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تاقاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇنى داۋاملىق كۆلەملەشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندۈرۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت