كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش قىلدى
2019.02.06
كانادا، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 5- ۋە 6-فېۋرال كۈنلىرى كانادانىڭ بىرقانچە شەھىرىدە ۋە گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامدا «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاش، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سوراش، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي قارىشىنى تەلەپ قىلدى.
كانادادىكى نامايىش 5-فېۋرال كۈنى تورونتو، ۋانكوۋېر ۋە مونتېرىئال شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. تورونتودىكى نامايىشتا تەخمىنەن بىرەر يۈزدەك ئۇيغۇر مەزكۇر شەھەرنىڭ دونداس مەيدانىغا يىغىلىپ، لاگېرلارنى تاقاش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئېتنىك تازىلاش» نى توختىتىشقا دائىر شوئارلارنى توۋلىغان ۋە تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىپ، كانادا پۇقرالىرىنى ياردەمگە چاقىرغان.
«كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى 6-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا ئەسكەرتىپ، «بۇ نامايىش كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى» دېدى.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 6-فېۋرال كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا غايىب بولغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تەخمىنەن 70 دەك ئادەم قاتناشقان مەزكۇر نامايىشنى گوللاندىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى» تەشكىللىگەن.
نامايىش يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى، «نىدا ئاخبارات تورى» نىڭ رەھبىرى ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نامايىش جەريانىدا گوللاندىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مارتېن ئەپەندى چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىلى گوللاندىيە دائىرىلىرىگە ئۇيغۇر رايونىدا غايىب بولغان 254 نەپەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتتىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئابدۇسالامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مارتېن ئەپەندى نامايىشچىلارغا مەلۇمات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا خىتاي بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچراشقانلىقى، لېكىن ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، لاگېرلارنىڭ ئىنتايىن زور مەسىلە ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرگە ھەل قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.