خىتاي گېرمانىيەدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تىبەت بايرىقىنىڭ چىقىرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.20

ئۆتكەن شەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ ماينېز شەھىرىدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان خىتاي ياشلار كوماندىسى تاماشىبىنلار ئارىسىدا تىبەتلىك ۋە تىبەتلەرنى قوللىغۇچىلار بولۇپ 6 كىشىنىڭ تىبەت بايرىقىنى چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇسابىقىنى توختىتىپ مەيداندىن يامانلىغان پېتى چىقىپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ياشلار كوماندىسى پەقەت خىتايغا قارشى لوزۇنكىلار يىغىشتۇرۇلغاندىن كېيىنلا مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرغان. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەت ۋە شەخسنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» گە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمان ساقچىلىرى بۇ ھەقتە ئاخباراتچىلارغا بەرگەن جاۋابىدا پۇتبول مەيدانىدا خىتاي بايرىقىنىڭ لەپىلدىشىگە رۇخسەت قىلىنغانغا ئوخشاشلا باشقىلارنىڭمۇ ئۆز بايرىقىنى چىقىرىشىغا رۇخسەت بارلىقىنى ئېيتقان. گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى رومي زىممېرمەن، «بىز پۇتبول مەيدانىدىكى نارازىلىق لوزۇنكىلىرىغا چەكلىمە قويالمايمىز، چۈنكى بىزدە ئىپادە ئەركىنلىكى بار ھەم بۇ ھەقتە بەلگىلىك قائىدە-تۈزۈملەرمۇ بار،» دېگەن.

پۇتبول مەيدانىدا بايراق چىقارغان تىبەتلىكلەر بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بايرىقى ۋە خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان لوزۇنكىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ تىبەتنى بېسىۋېلىشىغا ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2020‏-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق ئۈچۈن قاتنىشىۋاتقان بۇ مۇسابىقىسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىقى فرانكىفورتتا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر خىتاينى پۇتبول مەيدانىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا كۆڭلىدە تەييارلىق بولۇشى لازىملىقىنى ۋە ۋەزىيەتكە سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىكەن. 

خىتاي پۇتبولچىلار يامانلاپ توختىتىۋالغان مەزكۇر مۇسابىقىدە رەقىبىگە 3:0نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.