گورباچوۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.05.22

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخايىل گورباچوۋ ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە بولغان پۇشايمانىنى ۋە قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشىنىڭ توغرا ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەنىڭ «يەكشەنبە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى پرېزىدېنتى مىخايىل گورباچوۋ ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىلىرىشىغا بولغان ئەپسۇسلۇق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ، «شۇنداق زور بايلىقلارغا ۋە زور مۇمكىنچىلىكلەرگە ئىگە ئۇلۇغ مەملىكەت يوقىلىپ كەتتى. كۆپ سانلىق رۇسىيىلىكلەر ماڭا ئوخشاش، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلىمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدۇ.» دېگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ «يەكشەنبە ۋاقتى» گېزىتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، مىخايىل گورباچوۋ يەنە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ھەرىكىتى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلاپ، ئۆزىنىڭ ئەگەر پۇتىننىڭ ئورنىدا بولغان بولسا ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىش تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسا قىرىمنىڭ ئوخشاشلا ئۇنىڭ تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گورباچوۋ يەنە ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر دائىم نورمال بولۇپ كەلگەنلىكى، ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقى ۋە بۇنى «نورمالسىزلىق دەپ ھېسابلايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

1989 - 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالى رەھبىرى دەۋرىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنى تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان شەخس مىخايىل گورباچوۋ ھازىر موسكۋادا ياشاۋاتقان بولۇپ، بىر قانچە پارتىيە ۋە فوندلارغا يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە 2007 - يىلىدىن ئېتىبارەن «سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيەسى»نى قۇرۇپ، سىياسى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.