گوردون چاڭ: «2022-يىلى ئامېرىكا خىتايغا قارىتا نېمىلەرنى قىلىشى لازىم؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.04

خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەرب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ 4-يانۋار كۈنى مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى خىتايغا قارىتا نېمىلەرنى قىلىشى لازىملىقى ھەققىدە توختالدى.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، جوۋ بايدېن 2021-يىلى مارتتا ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەت ھەققىدىكى سۆزىدە خىتاينى «بىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رىقابەتچىمىز» دەپ كۆرسەتكەن. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىدىن باشلاپلا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «خەلق گېزىتى» نى سورۇن قىلغان ھالدا ئامېرىكاغا قارشى «خەلق ئۇرۇشى» نى باشلىۋەتكەن. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىل ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىشىغا پايدىلىق كەڭ جامائەت پىكىرى ھازىرلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ خىل دۈشمەنلىك ھېسسياتى بۈگۈنگىچە شۇنچە ئاشكارا ئىپادىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك ئ‍ىنكاس قايتۇرمىغان. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنى ئۇنچە قۇدرەتلىك، دەپ قارىماس بولۇۋالغان.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ نۆۋەتتىكى بىر يىلنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىملىقىنى، ناۋادا ئامېرىكا داۋاملىق ھالدا دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەت ساھىبى بولۇشنى ئىستىسە بۇ خىل قۇدرەت ساھىبى بولۇش پۇرسىتىنىڭ خىتايغا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا خىتاينىڭ دۇنيانى كونترول قىلىۋېلىشى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «ئەگەر خىتاي دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ بولغاندا ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇنى كونترول قىلىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئەھۋالى نۆۋەتتە خىرقىراپ قالغان سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ قەرز كرىزىسى، ئىقتىسادىي تەۋرىنىش، يېمەكلىك قىسىنچىلىقى، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى، شۇنداقلا تاجسىمان ۋىرۇسنى كونترول قىلىشقا ئىلاجسىز قېلىش قاتارلىقلار خىتاينى ئۇرۇش بولمىغان دەۋردىكى ئەڭ ناچار ۋەزىيەتكە گىرىپتار قىلماقتىكەن. يەنە كېلىپ 2065-يىلىغا بارغاندا خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمى يوقىلىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن

گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينى كېكىردىكىدىن بوغىدىغان بۇ خىل ئىقتىسادىي كوزىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پۇلنىڭ خىتايغا ئېقىشىنى توسۇش بەك مۇھىم ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بازىرىغا ۋە خىتاي سانائەت دۇنياسىغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش، يېنىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى خىتايدىن ئوتتۇرا ئامېرىكا رايونىغا يۆتكەش، شۇنداقلا خىتاينى يەنە بىر قېتىم قۇتۇلدۇرۇشتىن ساقلىنىش ئەڭ مۇھىم ئىكەن. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا ھالىدىن كەتكەن خىتاينى 1972-يىلى نىكسوننىڭ قولى ئارقىلىق، «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن مالىمانغا پېتىپ قالغان خىتاينى 1989-يىلى جورج بۇشنىڭ قولى ئارقىلىق، ئىقتىسادتا خاراپلىشىش ئالدىدا تۇرغان خىتاينى 1999-يىلى كىلىنتوننىڭ قولى ئارقىلىق ئۈچ قېتىم قۇتۇلدۇرۇۋالغانىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلىتىپ «ئامېرىكالىقلار نېمىشقا خىتاينىڭ ئاۋىئاماتكا ياسىشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللىشى ياكى كېيىنكى نۆۋەتلىك ۋاباغا مەبلەغ سېلىشى لازىمكەن؟» دەپ سوئال قويىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.