گۇاڭدۇڭدا يەكشەنبە كۈنى پارتلىغان زور كۆلەملىك نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.03.31

يەكشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ شەھىرىدە يەرلىك ئامما خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا قارشى 10 مىڭ كىشىلىك نامايىش قىلغان. بىراق، دائىرىلەر ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلارنى چىقىرىپ نامايىشچىلارنى باستۇرغاچقا، نامايىش تېزلا توقۇنۇشقا ئايلانغان.

دەسلەپكى تولۇقسىز مەلۇماتلاردا 8 ئادەم ئۆلگەنلىكى، 200 نەچچە ئادەم يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ساقچى تەرەپ ئادەم ئۆلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

دائىرىلەرنىڭ قوراللىق ساقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى قورشىۋالغان نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشى نامايىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بىر يەرلىك نامايىشچى رادىئومىزغا: «ساقچىلار كېلىپ كالتەك بىلەن ئۇرغاچقا توقۇنۇش پارتلىدى. ئاھالە تاياق يېسە ئەلۋەتتە قاچىدۇ. ساقچىلار بەك قاتتىق ئۇرۇۋەتتى» دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەرلەردە، يارىدارلارنىڭ نەچچە ئونغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى 2012‏-يىلى ماۋمىڭ شەھىرىدە ئارېن زاۋۇتى قۇرۇشنى تەستىقلىغان. 3 يېرىم مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ قۇرۇلۇشقا ماۋمىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ماۋمىڭ نېفىت شىركىتى بىرلىشىپ مەبلەغ سالماقچى بولغان.

بىراق، شەھەر ئاھالىسى مەزكۇر شەھەردە بىر قانچە خىمىيە زاۋۇتى بارلىقى، يەنە خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇش مۇھىتنى بۇلغاپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن، دائىرىلەر پۇقرالارغا ئىجابىي جاۋاب بەرمىگەچكە، ئۇلار يەكشەنبە كۈنى نامايىش قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.