«بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى: گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم چېخ جۇمھۇرىيىتىدە قىزىقىش قوزغىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.03.09

چېخ جۇمھۇرىيىتىدە چىقىدىغان ئەڭ چوڭ ۋە داڭلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ئىدنېس» گېزىتىدە تۈنۈگۈن ئۇيغۇرلار توغرىلىق مەخسۇس بىر سۆھبەت ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالە نۆۋەتتە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «‹بىر دۇنيا› خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالى» مەزگىلدە يورۇق كۆرگەن.

پراگادىكى فىلىم فېستىۋالغا ئالاھىدە تاللانغان «بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى: گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 4-ۋە 5-مارت كۈنلىرى چېختا قويۇلغان. مەزكۇر فىلىم چېخ كۆرۈرمەنلىرى ئارىسىدا زور قىزىقىش قوزغىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغان.

چېخ جۇمھۇرىيىتىدە چىقىدىغان ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان«ئىدنېس» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىغا تەكلىپ بويىچە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

مەخسۇس ماقالە سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ سۆھبەتتە گۇەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقى ھەققىدە بايانلار بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.