گۇەنتانامودىن بېرمۇداغا بارغان بىر ئۇيغۇر ھازىرغىچە پۇقرالىققا ئېرىشەلمىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.10.20

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى «ئا ب س رادىيوسى» دا «سابىق گۇەنتانامو مەھبۇسى 7 يىلدىن كېيىنمۇ ئۆزىگە ماكان ئىزدىمەكتە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.

خەۋەر، ئا ب س رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇر ئىچىدىكى خېلىل مامۇت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئاساسىدا تەييارلانغان. خېلىل مامۇت مۇخبىرغا بېرمۇدادا ياشاۋاتقانلىقىغا 7 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ۋە ئىككى ياش، بەش ياشلىق ئىككى بالىسىنىڭ كىملىك قەغىزى ياكى پاسپورتى يوقلۇقىنى، ئۆزلىرىنىڭ «دۆلەتسىز»لىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خېلىل مامۇت ھازىر شۇ يەرلىك ئادۋوكات رىچارد خورسمەننىڭ خالىسانە ياردىمى بىلەن ئۆزى ۋە بالىلىرىغا بېرمۇدا پۇقرالىقى بېرىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن. خېلىل مامۇت ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن ئۈمىدۋارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «ماڭا ۋاقىتلىق ئەمەس، رەسمىي بىر ماكان كېرەك» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە شۇنداقلا ئەينى چاغدا خاتا ۋاقىتتا، خاتا جايدا تۇرۇپ قالغانلىقتىن بېشىغا بۇنداق بىر پاجىئە كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى، ھېچكىمگىمۇ دۈشمەن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە « مەن گۇەنتانامودىن ئايرىلغاندا ھەممە ئىشنى كەينىمگە تاشلىۋەتتىم. مېنىڭ ھازىر ئائىلەم بار، ئىككى بالام بار، غەم قىلىدىغان باشقا ئىشلىرىم بار» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.