خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گۈلگىنە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.21

مالايسىيا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دوكتورانت گۈلگىنە تاشمەمەت 2017-يىلى 26-دېكابىر كۈنى مالايسىيادىن يۇرتى غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى. 21-ئىيۇن كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، گۈلگىنە 2018-يىلى فېۋرال ئېيىدا يېڭى ئوقۇشنى باشلىماقچى بولۇۋاتقان بولۇپ، تەتىل قىلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغان. ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ھەدىسى ۋە دوستلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي ئىجرا بولۇۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى، جۈملىدىن چەتئەل بىلەن باغلىنىشلىقى بولغان كىشىلەرنىڭ نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىدەك پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ «گۈلگىنە سىياسىي تەربىيەلەش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن» دەپ تەخمىن قىلماقتا ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا خەلقئارا جامائەت خىتايدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا بۇ ھەقتە مەكتۇپ يوللاپ، گۈلگىنەنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش چاقىرىق قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۈلگىنەنى تېزدىن قويۇۋېتىش، ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭغا جىنايەت ئارتماسلىق، ئۇنىڭ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئادۋوكات ياللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار جىددىي تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا غايەت زور كۆلەملىك «يىغىۋېلىش مەركەزلىرى» تورىنىڭ بەرپا بولغانلىقى، «ئەسەبىي» ۋە «سىياسىي جەھەتتىن گۇمانلىق» دەپ قارالغان كىشىلەر، شۇنىڭدەك چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلارنىڭ ئۇدۇل مۇشۇ مەركەزلەرگە سولىنىپ «سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزگەرتىش» كە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ غايەت زور بوھرانغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.