گۇما ناھىيەسىدە بىر يېزىدا بىر قانچە دىنىي زات قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
2017.04.28
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار گۇما ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى، قوشتاغ يېزىسى، قاراتاقىر مەيدانى قاتارلىق جايلىرىدا بىر قانچە دىنىي زاتنىڭ قولغا ئېلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ دىنىي زاتلار 2015 ۋە 2016- يىلى ئارىلىقىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ خەۋىرى ئەمدى ئاشكارىلانغان.
«نىدا رادىيوسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇما ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنلىرىدىن مۇھەممەت ئېزىز مەخسۇم، ئابلەت ئىسمائىل ھاجىم، مەمتىمىنجان داموللا، ئەخمەتجان ئىبراھىم قاتارلىق دىنىي زاتلار قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
گۇما ناھىيەسىنىڭ قوش تاغ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى 68 ياشلىق دىنىي زات مۇھەممەت ئېزىز مەخسۇم، «ۋاھابى ئېقىمىنىڭ مەنىۋى ئۇستازى» دېگەن جىنايەت بىلەن بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا، شۇ يېزىنىڭ يەنە بىر تۇرغۇنى 63 ياشلىق دىنىي زات ئابلەت ئىسمائىل ھاجىم 15 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان.
بۇنىڭدىن سىرت گۇما ناھىيە بازىرىنىڭ تۇرغۇنى 62 ياشلىق مەمتىمىنجان داموللا 20 يىللىق، گۇما قاراتاقىر مەيدانىنىڭ 50 ياشلىق تۇرغۇنى ئەخمەتجان ھاپىز 10 يىللىق، قاراتاقىر مەيدانىنىڭ يەنە بىر تۇرغۇنى ئەخمەتجان ئىبراھىم 17 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.
بۇ كىشىلەر «تالىپ تەربىيىلىگەن»، «ئاشقۇن ئىدىيە تارقاتقان»، «يەر ئاستى مەدرىسىسى ئاچقان» دەپ ئەيىبلەنگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كەسپىي تېۋىپ ئابلەت ئىسمائىل ھاجىم يەكەن پەيلۇ تۈرمىسىگە قامالغان. قالغان مەھبۇسلارنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
بىز جۈمە كۈنى گۇما ناھىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ دېلوسىنى سۈرۈشتۈردۇق. يەرلىك دائىرىلەر يۇقىرىدا دېيىلگەن مەلۇماتلارنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.