مايكىل كلارك: «يېڭى ھاكىممۇتلەقلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان شەخسكە چوقۇنۇش ھەمدە بۇنىڭغا ماس ھالدا شەكىللىنىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىق يېقىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى رەئىسلىك مۇددىتىنى ئۆزگەرتىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «ئەمدى خىتايدا بىر يېڭى ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ دىكتاتورىلىق دەۋرى باشلىنىدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقىرىۋاتقاندا، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغان «سىياسىي ھادىسە» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

12-مارت كۈنى «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مايكىل كلارك ئىمزاسىدىكى ماقالىدا مۇشۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا خىتايدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان «يېڭى ھاكىممۇتلەقلىق» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئون يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلەر ئارقىسىدا ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغانلىقى، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان «بىخەتەرلىك» تېمىسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىزمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بۇ خىلدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق يېڭى ھادىسە ئەمەسلىكى شەرھلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا زامانىۋى پەن-تېخنىكا، غايەت زور ساقچىلار قوشۇنى ھەمدە شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى «ھاكىممۇتلەقلىق» ئۆز نۆۋىتىدە ھەرقانداق «سىياسىي» مەسىلىگە قاتتىق جازا بېرىشتە روشەن ئەكس ئەتمەكتە ئىكەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ گەرچە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئۆز نۆۋىتىدە ‹يىپەك يولى روھى› ئاساسىدا پۈتكۈل دۇنياغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، بۇ شوئارنىڭ ئۇيغۇرلار ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىق بىلەن پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت