خىتاي شەھەرلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ ھاۋاسى زور دەرىجىدە بۇلغانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.10.15

خىتايدىكى 367 شەھەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا 80 پىرسەنت شەھەرنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۆزى قويغان ئۆلچەمدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

خەلقئارا مۇھىت ئورگىنى بولغان «يېشىل تىنچلىق» تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شەھەرلەردە ھەربىر كۇپمېتىر ھاۋادىكى ئوتتۇرىچە زەھەرلىك ماددا مىقدارى 47.2 مىكروگرام چىققان. ھالبۇكى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى ئادەتتە 10 مىكروگرام، خىتاي ئۆزى قويغان ئۆلچەم بولسا 35 مىكروگرام ئىكەن.

خىتايدىكى بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر شەھەرلەردىن ھېسابلىنىدىغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 9 ئاي ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە بۇلغىنىش دەرىجىسى 72.1، شاڭخەي شەھىرىنىڭ بولسا 50.4 بولغان.

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆمۈر ئېنېرگىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشى خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى خىتاينى كۆمۈر ئېنېرگىيىسىگە بولغان ئېھتىياجنى ئازايتىشقا قارىتىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرغان. بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا كۆمۈردىن پايدىلىنىپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان تەسىسلەرگە زور مەبلەغ سالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.