خىتاي ھۆكۈمىتى ھاۋا كىلىماتى سۆھبىتىدە «بۇزغۇنچىلىق تاكتىكىسى ئىشلەتتى» دەپ ئەيىبلەنگەن

2030-يىلىغا قەدەر زەھەرلىك كاربون گازىنى كونترول قىلىشنى يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە يەر شارى كىلىمات سۆھبىتىدە «بۇزغۇنچىلىق تاكتىكىسى» ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون كىلىمات سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا كىرىشكەندەك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارى كىلىمات يىغىنىدا ئىختىلاپ تۇغۇلغان. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 28-ئىيۇل ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ يىغىندا زەھەرلىك كاربون گازىنى كونترول قىلىش نىشانىغا ئائىت ھالقىلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ كىلىمات يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىغىندىكى پوزىتسىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا كۆمۈر، نېفىت قاتارلىق يېقىلغۇلارغا خاتىمە بېرىپ، يېشىل ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈمىدىنى يوققا چىقارغان. «مالىيە ۋاقتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاندىكى چېنايدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان بىرەيلەن، «مەن بۇرۇن بۇ خىل كۆپ تەرەپلىك يىغىنلاردا بۇنداق بۇزغۇنچىلىق تاكتىكىسىنى كۆرۈپ باقمىغان» دېگەن. بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ يەر شارى ھاۋا كىلىماتى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەررىي بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئۇ سۆھبەتنىڭ «ئىجابىي» ‍ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى ھاۋا كىلىماتى كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جون كەررىينىڭ زىيارىتى ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ‍ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ كۈنتاختا سانائىتى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ساھەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ھىندونېزىيەدىكى كىلىمات يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا خىتاي 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىسادىي مۇنبەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى مۇزاكىرە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كاربون مەھسۇلاتلىرىغا سودا چەكلىمىسى قويۇش تەكلىپىگىمۇ قارشى چىققان.