ئامېرىكا ئاۋسترالىيەگە B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.10.31
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە خىرىس قىلىشى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ B-52 تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى شىمالىي ئاۋسترالىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدىن خەۋەردار ئەربابلار B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ ئاۋسترالىيە شىمالىي تېررىتورىيەسىنىڭ مەركىزى دارۋىننىڭ 300 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ئاۋسترالىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئاۋسترالىيەگە ئۇزۇن مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋاشىنگتوننىڭ ھاۋا كۈچى ئىقتىدارى توغرىسىدا رەقىبلىرىگە كۈچلۈك سىگنال بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى تۈزۈپ، ئاۋسترالىيەنى يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەش توختامى ئىمزالاپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاشىنگتوندىكى يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى ناملىق ئەقىل ئامبىرىنىڭ مۇتەخەسسىسى بېكا ۋاسسېر، ئامېرىكانىڭ ئاۋسترالىيەگە ئۇچۇش مۇساپىسى 14 مىڭ كىلومېتىر بولغان B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇنىڭغا بېرىلگەن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكانىڭ پىلانى خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى مەلۇم. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 31-ئ‍ۆكتەبىر بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى 3-دۆلەتنى نىشان قىلماسلاقى كېرەك»، دېگەن. ئامېرىكا بۇ يىل ئۆزىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى گۇئام ئارىلىغا تۆت تانە B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.