خىتاينىڭ «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرماقچى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-09-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «يېرىم ئارمىيە» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورگىنى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى يەنە ئاشۇرماقچى.

«ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى سۈن جىڭلوڭ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى بىر بايانلىرىدا مەزكۇر قوشۇننىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسىنىڭ چېگرا ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شى جىنڭىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەزكۇر «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى» گە پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» نىڭ ھەربىي كۈچىنى ۋە ھەربىي خاراكتېرىنى ئاشۇرۇشنى «بۇ پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ» دەپ تەرىپلىگەن سۈن جىڭلوڭ، مەزكۇر «ئارمىيە»نىڭ ھەربىي مەشىقلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مائارىپ ۋە سەھىيە ساھەسىنىمۇ مۇقىملىققا خىزمەت قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر «ئارمىيە» بۇنىڭدىن كېيىن قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇپ، يەرلىكتىن 74400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ھەر ساھە ئەمەلدارلىرىنىڭ شوئار ۋە چاقىرىقلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئىزچىل ھالدا دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، سۈن جىڭلوڭنىڭ يۇقىرىقى «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» نىڭ مۇقىملىقنى قوغداش رولىنى كۈچەيتىش چاقىرىقىنى «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تەبىئىتىنى يالىڭاچ ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشى» دەپ باھا بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت