خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەمەلىي ھەربىي مانېۋىر قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.12.07

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي ھەربىي تورى» نىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ «قىزىل ئارمىيە دېۋىزىيەسى» نامىدىكى نامەلۇم قىسمى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا تانكا، برونېۋىك ۋە زەمبىرەكلەر ئارقىلىق نامەلۇم جايدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئورنى، كۆلىمى ياكى مەقسىتى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن بولۇپ، پەقەت خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغان تاغلىق رايوندا «تېز ھۇجۇم قىلىش»، «ئىستىھكاملارنى ئىگىلەش»، «نىشانغا ھۇجۇم قىلىش»، «ئوت ئېچىپ دۈشمەننى تولۇق يوقىتىش» قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مەشىق قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا پۈتۈنلەي ھەقىقىي ئوق-دورىلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، ھەربىي قىسىملارنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش ۋە نىشانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانلىقى ئېيتىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىردا «دۈشمەن» دەپ ئ‍اتالغان نىشانلىرىنىڭ كىملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى خەۋەردە ئېيتىلمىغان. ئەمما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان مەخپىي ھۆججەتلىرىدە «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق»، «تېررورچىلارنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش» دېگەندەك كۆرسەتمىلەر بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ھەربىي مانېۋىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەشلىرى كۈچەيگەنگە توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىقمۇ ئىزچىل ئامېرىكانى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.