ئاندرىيان زېنز: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ راسخوتى ئېلان قىلىنغان ساندىن كۆپ يۇقىرى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-04-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ يىللىق راسخوتىنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن كۆپ يۇقىرىلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەمىنلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسى «جەيمىس توۋن فوندى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. ئادرىيان زېنز ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى «ئىچكى بىخەتەرلىك قوشۇنلىرى» غا ئائىت ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىچكى بىخەتەرلىك قوشۇنلىرى» ۋە ئۇلارنىڭ راسخوتلىرىنى ھېسابلاپ چىققان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا نۆۋەتتە پەقەتلا «ئىچكى بىخەتەرلىك قوشۇنى» غا تەۋە بولغان 80 مىڭدىن 160 مىڭغىچە قوراللىق كۈچ بار، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن. ئۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا ئاجراتقان مەبلىغىنىڭ 80 پىرسەنتىنى «ئىچكى بىخەتەرلىك قوشۇنلىرى» غا ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى نۇقتا قىلىپ ھېسابلىغاندا، 2016-يىلى ئىچىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى 10-20 مىليارد يۈەن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلارغا ئاجراتقان راسخوتىغا ئاساسەن بۇ قوشۇنلار راسخوتىنىڭ 93-96 پىرسەنتىنىڭ پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئادردىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى ئەھۋال تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق قىسىملارنىڭ بىۋاسىتە ھالدا مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقتەك بىر ئەھۋالغا يول ئاچىدىكەن. ئۇ، باشقا ئۆلكىلەردە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك جىددىي ئەھۋال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاساسەن ئارقا پىلاندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا ئادەتتىكى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەردىمۇ بىۋاسىتە ھالدا قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ئەھۋالنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھاتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق بارا-بارا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت