«ھېيتگاھ مەيدانىدىكى ھېيتلىق تەنتەنە» نىڭ خىتاينىڭ بىر مەيدان ئويۇنى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-05-04
Share

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا روزا ھېيت دەپ بېكىتىلگەن 3-ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنى مەسچىتلەرگە بېرىشقا، «داغدۇغىلىق ھېيت ئۆتكۈزۈش» كە ئورۇنلاشتۇرغان. شۇ كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا تەنتەنە قىلىۋاتقان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋىدىيوسى فېسبوك، تىۋىتتېرلاردا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ۋىدىيودىكى «قاينام-تاشقىنلىق كەيپىيات» ۋە ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى بەزى ئىنسانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە قارىتا تۈرلۈك گۇمانلارنى پەيدا قىلماقتىكەن.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدا بۇ ۋىدىيو ھەققىدە باھا بېرىپ مۇنداق يازغان: «ۋىدىيوغا ئوبدان قارىساق، بۇ يەردە چاچلىرى ئوخشاش ياسالغان ياشلارنىڭ ساما ئوينىماي، كۆزلىرىنى غەلىتە ئوينىتىپ، ئۇياق-بۇياققا ھاڭۋېقىپ كالاڭپايلىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. دېمەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى شەرقىي تۈركىستانغا بارماي تۇرۇپلا، خىتاينىڭ بىر مەيدان ئويۇنى باشلىنىپ كەتكەن گەپ! ئەگەر ئالىي كومىسسارنىڭ زىيارىتى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىدىغان ئۇيغۇرلار بولىدۇ، خالاس!»

باشقا تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋىدىيوغا «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى روزا ھېيتنى تەبرىكلىمەكتە» دېگەن خەتنىڭ قىستۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشى، خىتاينىڭ بۇنى تەشۋىقات ئۈچۈن مەقسەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىغا قارىغاندا، ھېيتگاھ ئالدىدىكى بۇ پائالىيەتكە ئادەم توپلاشنى يەرلىك ئاھالىلەر كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بارغانلارغا 100 سومدىن 150 سومغىچە پۇل تارقاتقان؛ بارغانلار ئىچىدە ياشلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان. كەيپىياتنىڭ قارىماققا جۇشقۇن كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت تەنتەنىسىنى سېغىنىشى ھەم ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەرنىڭ تەشۋىق-تەرغىباتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت