لاگېرلار مەسىلىسى ھىندونېزىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ سىياسىي قورالىغا ئايلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.08

لاگېرلار مەسىلىسى ھىندونېزىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ يىل 4‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا پرېزىدېنت جوكو ۋىدودوغا ھۇجۇم قىلىدىغان سىياسىي كوزېرغا ئايلانغان.

ئامېرىكا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە سايلامغا قاتنىشىۋاتقان ئىسلامچى سىياسىيونلار ۋە پائالىيەتچىلەر پرېزىدېنت جوكو ۋىدودو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشىغا سۈكۈت قىلىشىنى ئۇنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىنىڭ كۈچلۈك ئەمەسلىكى، ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنىڭ خىتاي بولۇشى ياكى يوشۇرۇن كوممۇنىست بولۇشى مۇمكىنلىكىگە باغلىماقتا ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى دېكابىردا نەچچە يۈزلىگەن ھىندونېزىيەلىك مۇسۇلمان خىتاينىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شۇ قېتىمقى نامايىشتا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار «2019‏-يىلى پرېزىدېنتنى ئالماشتۇرايلى» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىققان. ماقالىدە يەنە ھىندونېزىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نامزاتى پرابوۋو سۇبىئانتونىڭ باياناتچىسى ئىراۋان رونودىپۇرونىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «ھىندونېزىيە ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىل ئىنسانىي تراگېدىيەلەرنى ھەل قىلىشتا ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پرېزىدېنتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى «خىتاينىڭ جوكوۋىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى» نى ئىسپاتلايدىكەن.

ھىندونېزىيە پەلەستىن ۋە روھېڭگا مەسىلىلىرىدە ئىزچىل مۇسۇلمانلارنى قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە سۈكۈت قىلىشى ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە جامائەتلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۆتكەندە ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشى پرېزىدېنت ۋىدودونى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىرغان ئىدى. لېكىن ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار بار بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن. خەۋەردە ئۇلارنىڭ بۇ ھىندونېزىيەدە خىتايلارغا قارشى ئېتنىك ئۆچمەنلىكنى قايتا قوزغىۋېتىشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.