خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىندىستان غايەت زور دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرماقچى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.10.03

«ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 2-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندى ئوكياندا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتى غايەت زور دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇشنى جىددىي پىلانلاشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى خارى كۇمار (Hari Kumar) يېڭىدىن بىر ئاۋىياماتكا زاكاز قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك يادرو قۇۋۋەتلىك ئۈچ سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە دىزېل قۇۋۋەتلىك ئالتە سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىرقى پىلان بويىچە بولغاندا بولسا ھىندىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە فلوتىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى 2023-يىلى 160 كە، 2035-يىلىغا بارغاندا 175 كە يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان. چۈنكى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ھازىر تېزدىن كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى بەش-ئالتە يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ دېڭىز فلوتىدىكى ئۇرۇش پاراخوتى 555 كە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى سېنتەبىردە ھىندىستاننىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى ئىككى يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىش بەدىلىگە پۈتۈپ چىققان. ئەمما بۇنىڭغا 13 يىل كەتكەن بولۇپ، تېخنىكا ۋە مالىيە قىيىنچىلىقى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك بۇنى زور دەرىجىدە كېچىكتۈرۈۋەتكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ يېڭى ئاۋىياماتكا ياساش مەسىلىسىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.