ھىندىستانمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقسىنى بايقۇت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-02-03
Share

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستانمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقسىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۆپ ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بويقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەمۇ بۇ سەپكە قېتىلغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى دۆلەتلەرنى «ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۈردى، ئولىمپىك مۇسابىقىسى دېگەن سىياسەتتىن مۇستەسنا بولۇشى كېرەك» دەپ ئەيىبلىگەن. ھالبۇكى، «ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش» قا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، 2020-يىلى 6-ئايدا گالۋان ۋادىسىدا خىتاي-ھىندىستان چېگرا قوغداش ئەسكەرلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەسكىرىنى بۇ قېتىملىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەلچىسى قىلغان.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ھىندىستاننىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۈگۈن، يەنى 3-فېۋارال كۈنى ھىندىستانمۇ خىتاي ئولىمپىكىنى دېپلوماتىك بويقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھىندىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئارىندام باغچى بۈگۈنكى باياناتىدا: «خىتاينىڭ ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى تاللىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ،» دېگەن.

ئامېرىكانىڭ «بلۇمبېرگ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسگە 21 دۆلەتنىڭ رەھبىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىكەن.

خەۋەردە كۆرستىلىشىچە، بۇ نۆۋەت ئاۋستىرىيە، لاتۋىيە، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كوۋىد-19 ۋىرۇسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، رەھبەرلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دانىيە، فىنلاندىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئېچىلىش مۇراسىمىغا بارمىغان.

ئامېرىكادىكى «پېۋ تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەرب دۆلەتلىرىدە خىتايغا بولغان ئىجابىي كۆز قاراش تۆۋەنلىگەن ئىكەن. لوۋىي ئىنستىتۇتى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ دىرېكتورى ناتاشا كاسسامنىڭ «بلۇمبېرگ گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، «بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى 2008-يىلدىكى ئولىمپىكتىن بۇيان زور دەرىجىدە چېكىنگەن بولۇپ، ھازىر غەربتىكى جامائەتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قارىشىمۇ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدا» ئىكەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ ئېلان قىلغان تىزىملىككە قارىغاندا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر روسىيە بىلەن پاكىستاندىن سىرت، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان تاجىكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، مىسىر، كامبودژا ۋە سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت