ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا نارەندرا مودى ئۇتۇپ چىقتى


2014-05-17
Share


ھىندىستاندا بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۆكتىچى پارتىيە زور پەرق بىلەن ئۇتۇپ چىقىپ، مەزكۇر پارتىيە داھىيسى نارەندرا مودىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت ھىندىستانغا باش مىنىستىر بولۇشىغا يول ئاچتى.

مودى سايلام جەريانىدا ھىندىستاننىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيىتىدە نېگىزلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ پارتىيىسى بۇ نۆۋەت ھىندىستان ھوقۇق سەھنىسىگە چىقسا، بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر مانماخان سىنگ پارتىيىسىنىڭ مونوپول ئورنىغا خاتىمە بېرىلىدۇ.

مودى ھىندىستان سىياسىي سەھنىسىدە يېڭىچە قىياپەت بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر مودىنىڭ ھىندى مىللەتچى پارتىيىسى ئۆز مەسلەكلىرىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، ھىندىستاندىكى 138 مىليون مۇسۇلمان جامائىتى ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى ئۇلغايتىۋېتىشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلىشماقتا.

2001 يىلى گۇجارات شتاتىدىكى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 1000 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلار ئىدى.

ئەينى چاغدا گۇجارات شتاتىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مودى بۇ قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ئاكتىپ ئارىلاشماسلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما ئۇ ھېچقانداق جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مودىنىڭ توپىلاڭدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ 2005 - يىلى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىنى رەت قىلغان ئىدى.

مانماخان سىنگىنىڭ مەجلىس پارتىيىسى سايلام جەريانىدا گۇجارات توپىلىڭىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، مودىنىڭ ھىندىستان ئىقتىسادىنى ياخشىلاش، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى چىرىكلىكىنى يوقىتىش ۋەدىلىرى بەكرەك قوللاشقا ئېرىشكەن.

مودىنىڭ كۆپ خىل دىن ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلەردىن تەركىب تاپقان ھىندىستان جەمىيىتىدە دىندىن خالىي بىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلەيدىغان ياكى يۈرگۈزەلمەيدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت