ھىندىستان چېگرا قاراۋۇللىرىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ «بىشەملىكى» گە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ئەمەلدارى جۈمە كۈنى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ خىتاي بىلەن ئىختىلاپتىكى چېگرا لىنىيەسىدە قاراۋۇللۇقنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ «بىشەملىكى» گە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى 1962‏-يىلى قوراللىق توقۇنۇشقا سەۋەب بولغان. ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت چېگرا قىسىملىرى بۇتاننىڭ دوكلام ئىگىزلىكنى تالىشىپ، بىر-بىرىگە تاش ئېتىشقان ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقى گېنېرال بىپىن راۋات جۈمە كۈنى ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، «بىز خىتاينىڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمما بىزمۇ ئاجىز دۆلەت ئەمەس،» دېگەن. گېنېرال بىپىن راۋاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان چېگرا قىسىملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغان شۇنداقلا قاراۋۇللۇقنى كۈچەيتكەن. ئۇ يەنە، «بىزنىڭ خىتاينىڭ بىشەملىكىگە تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىمىز بار. بىز خىتاينىڭ زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە يول قويمايمىز. تاجاۋۇزچىلىق قاچان يۈز بەرسە بەرسۇن، بىز ئۆزىمىزنى قوغدايمىز، چۈنكى بۇ بىزنىڭ ھەققىمىز،» دېگەن.

ئۆتكەن يىلى ھىندىستان ۋە خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ دوكلام ئېگىزلىكىنى تالىشىپ، بىر-بىرىگە تاش ئېتىش ۋەقەسىگە ئىككى تەرەپتىن نەچچە يۈز ئەسكەر قاتناشقان. گېنېرال بىپىن راۋات جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە شۇ ۋەقەدە ھىندىستان قىسىملىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ دوكلامنى قوغدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «چۈنكى بىز خىتاينىڭ پۈتۈن دوكلام ئېگىزلىكىنى تەنھا ئىگىلىۋېلىشى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق»، دېگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، شۇ چاغدا ھىندىستان قوراللىق توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىكەن. ئۇ، «شۇ چاغدا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىغان بولسا ھىندىستاننىڭ پايدىلىق ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. دوكلام ئىگىلىكىدە يۈز بەرگەن ئىختىلاپ ئۆتكەن يىلى 6‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان. ئىختىلاپقا خىتاي چېگرا قىسىملىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ بۇتان ۋە تىبەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ رايوندا تاشيول ياسىشى سەۋەب بولغان. لېكىن ھەر ئىككى تەرەپ 8‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چېگرا قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ، قوراللىق توقۇنۇش پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئالغان. 1962‏-يىلى پارتلىغان قوراللىق توقۇنۇشقا چېگرادىكى ئىختىلاپ سەۋەب بولغان. خىتاي ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شتاتىنى تالىشىپ، مەزكۇر شتاتنىڭ تىبەتكە قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت