ھىندىستان تاراتقۇلىرى: «كاراچىدىكى قاتىللىق خىتاينىڭ 50 مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇش پىلانىغا خەۋپ ئەكەلدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.14

ھىندىستاننىڭ «بايتس خەۋەرلىرى» ناملىق بىر ئاخبارات ئورگىنى بۈگۈن «كاراچىدىكى قاتىللىق خىتاينىڭ 50 مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇش پىلانىغا خەۋپ ئېلىپ كەلدى» ماۋزۇلۇق بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە 5‏-فېۋرال كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر نەپەر خىتاي پۇقراسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» پىلانىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇلاھىزە قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچى پاكىستاندا 1994‏-يىلدىن باشلاپ تىجارەت قىلىۋاتقان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئۇ كاراچىدىكى بىر بازاردا سودىلىق قىلىۋاتقان چېغىدا 9 پاي ئوققا تۇتۇلغان. خەۋەردە، بۇ خىتاي پۇقراسىنىڭ كۈپ-كۈندۈزدە ۋە ئاشكارا بىر بازاردا ئېتىۋېلىشى يېقىنقى يىللاردا پاكىستانغا كۆچۈپ كەلگەن 20 مىڭچە خىتاي پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەت ئاستىدا ئەمەسلىكىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر، دېيىلگەن.

خەۋەردە يەنە ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە بالۇجىستاندا ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان دائىرىلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 15 مىڭ كىشىلىك ئالاھىدە قىسىم تەييارلىغان. ئەمما خەۋەردە بۇ كۈچنىڭ رايوندىكى مەۋجۇت خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەشكە قادىر ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ خەۋەردە يەنە «خىتاينى قورقۇتۇۋاتقان يەنە بىر خەتەرلىك كۈچ شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى تېررورچىلار» دەپ ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن خىتاي پۇقراسى چېن جۇ ئىلگىرى بىر مەھەل يېنىدا مۇھاپىزەتچى ئېلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، كېيىنچە ئۇ بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن. چېن جۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش ھەققىدە پاكىستان تەرەپكە تېخىمۇ قاتتىق توندا گەپ قىلىشقا باشلىغان.

«بايتىس خەۋەرلىرى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستانغا بېرىدىغان بىر مىليارد دوللارلىق بىخەتەرلىك ياردىمىنى توختاتقاندىن كېيىن، پاكىستان كۆچلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر خەۋەردە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نىڭلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭمۇ قېيىنغا چۈشىدىغانلىقىنى، مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ مەغلۇپ بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ زورلىغىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.