ھىندىستانلىق مۇتەخەسسىس: خىتاي-پاكىستان دوستلۇقىنىڭ ئاساسى ساغلام ئەمەس

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-02-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستانلىق مۇتەخەسسىس ئاكشوب گىرىدھاراداس بۈگۈن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، «تۆت پەسىللىك دوست» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان خىتاي-پاكىستان دوستلۇقىنىڭ ساغلام بىر ئاساسى يوقلۇقى، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بۇ دوستلۇققا ئېغىر چاك كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، پاكىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئۈمىدنى پۈتۈنلەي خىتايغا باغلاۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ ئىشتىھاسى بولسا، دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى خىتاينىڭ دۇنياغا كېڭىيىش پىلانى بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» نىڭ پەقەت بىر پارچىسى؛ خىتاينىڭ پاكىستانغا سېلىۋاتقان مەبلىغى، پاكىستاننى ئورنىدىن دەست تۇرغۇزۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى ياكى مۇستەملىكە رايونغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.

ئاپتور ئاكشوب ماقالىسىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا ياردىمى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، خىتاي تەمىنلەۋاتقان قورال-ياراقلارنىڭ مەيلى سان ياكى تېخنىكا جەھەتتىن ئامېرىكا ئىلگىرى تەمىنلىگەن سەۋىيەگە يەتمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئاكشوپ ماقالىسىدە خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاممىۋى ۋە مەدەنىي ئاساسى ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان يۈزدە-يۈز دېگۈدەك مۇسۇلمان نوپۇسلۇق بىر دۆلەت، خىتاي بولسا كۆپ دىن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتىن باشقا دىنسىز بىر پارتىيە ھاكىمىيەتنىڭ بېشىدا؛ دىن ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايوندىكى بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر ئىلگىرىكى يىللاردا پاكىستانغا قېچىپ ئۆتكەن ۋە مۆكۈنگەن. شۇڭا، خىتاي پاكىستانغا ھەر ۋاقىت گۇمان بىلەن قارىشى مۇمكىن.

ماقالىدە يەنە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقتىن ئۈمىد كۈتكەن سىرىلانكا ۋە نېپالنىڭمۇ تېخى يېقىندا بىرنەچچە قۇرۇلۇشتا پۇشايمان قىلغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت