ھىندىستان مۇتەخەسسىسى ھىندىستاننىڭ خىتايغا قارشى «ئۇيغۇر كوزىرى» نى قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.04.02

ھىندىستان سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى، پروفېسسورى بارات كارناد 30‏-مارت ماقالە ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ خىتايغا قارشى «ئۇيغۇر كوزىرى» نى قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

بارات كارناد 30‏-مارت ھىندىستان ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنغان «ھىندىستاننىڭ ئۈستۈنلۈكى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ھىندىستاننىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا قولىدىكى كوزىرلارنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھىندىستان، ياپونىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېلىۋاتقان ھەربىي بېسىمى كۈندىلىك مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن خىتايغا قارشى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشى بىر چىقىش يولى بولۇپ قالغان. ئۇ، ھىندىستاننىڭ قولىدا بۇرۇندىنلا خىتاينى بىئارام قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كوزىرلارنىڭ بارلىقى، لېكىن ئۇنىڭ خىتاينى تىزگىنلەيدىغان بۇ كوزىرلارنى قوللانماي كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پروفېسسور كارنادنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىندىستاننىڭ ۋىيېتنام، فىلىپپىن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى «براخموس»، «ئاگنى-1» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى سۈنئىي ئاراللىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى، تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، كەشمىرنى تەيۋەن ۋە تىبەت بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان كوزىرىنى قوللىشى، موڭغۇلىيەدە ھەربىي بازا قۇرۇشى قاتارلىقلار تەدبىرلەر خىتايغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاي 1962‏-يىلى يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشىدىن بېرى ئىزچىل بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ كەلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتلەردىن باش كۆتۈرۈپ، تىبەت-ھىندىستان چېگراسىدىكى پائالىيىتىنى كۈچەيتىشى، پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى ۋە ئۇنىڭ ھىندى ئوكيان ھەم شەرقىي جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي بازىلارنى قۇرۇشى ھىندىستاننى بىئارام قىلىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.