ھىندىستان بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئانتى - تېررورلۇق مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
ھىندىستان بىلەن خىتاي دائىرىلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «قولنى - قولغا تۇتۇشۇش» ناملىق ئانتى - تېررورلۇق بىرلەشمە مانېۋىرى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە ئاياغلاشقان.
مەزكۇر مانېۋىر بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن شۇ خىلدىكى 5 - قېتىملىق مانېۋىر، بۇ مانېۋىر جەمئىي 10 كۈن داۋام قىلغان.
ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانېۋىرنىڭ 21 - ۋە 22 - ئۆكتەبىردىكى قىسىملىرى ھىندىستان - خىتاي چېگراسىدىكى بىر رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتقا قارىغاندا، مانېۋىر «كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەن.»
مانېۋىرغا ھەر ئىككى تەرەپتىن 173 نەپەردىن ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان.
ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرا ئىختىلاپى بار بولۇپ، مەزكۇر ئىختىلاپ 1962 - يىلى بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىر ئايغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا سەۋەب بولغان.
گەرچە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى نۆۋەتتە بىر قەدەر نورماللاشقان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى تا ھازىرغىچە ھەل بولماي كەلگەن ئىدى.