ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: ھىندىستان-خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا كرىزىسى «قوراللىق توقۇنۇشقا خەتەرلىك دەرىجىدە يېقىن»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-08-17
Share

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا كرىزىسىنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى مۇلاھىزە قىلىنماقتا. بۈگۈن «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە بۇ مەسىلە ھەققىدە كەڭ بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «خىتاي ۋە ھىندىستان ھىمالايادا قوراللىق توقۇنۇشقا خەتەرلىك دەرىجىدە يېقىنلىشىپ قالدى» ماۋزۇسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا مەركەزلىشىپ قالغان بىر ۋاقىتتا، ھىمالايا تاغلىرىدا ھىندىستان بىلەن خىتاي جىمجىت ھالدا جىددىي بىر تىركىشىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ قېتىملىق تىركىشىشنىڭ ھىندىستان-خىتاي ئارىسىدا 30 يىل مابەينىدە كۆرۈلگەن ئەڭ جىددىي بىر كرىزىس ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئانالىزچىلار بۇ كرىزىسنى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ گېئوپولىتىكىلىق رىقابەتلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىمۇ يۇقىرى دەپ قارايدىكەن.

بۇ يىل 6‏-ئاينىڭ 16‏-كۈنى ھىندىستان-خىتاي شەرقىي چېگرا لىنىيىسىدىكى بۇتان-تىبەت-ھىندىستان چېگراسى تۇتاشقان جايدىكى دوكلام ئېغىزىدا چېگرا سۈركىلىشى يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەت چېگرا ئارمىيىسى بىر-بىرى بىلەن ھازىرغا قەدەر تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان. ئەمما، تېخى سەيشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ دوكلامدىكى سۈركىلىشىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ لاداق رايونىغا جايلاشقان پانگوڭ كۆلى ئەتراپىدا ئىككى تەرەپ چېگرا قىسىملىرى بىر-بىرىگە تاش ئېتىشىپ قارشىلاشقان ئىدى.

نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇشنى بىرىنچى بولۇپ باشلىغان تەرەپ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما كەينىگە چېكىنىشنىمۇ رەت قىلىپ كەلمەكتە. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بولسا، خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن دەتالاشتىكى زېمىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشىنىڭ خاتالىقىنى، بۇ پىلان ھىندىستاننىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان بېرىدىغان بولغاچقا، ھىندىستاننىڭمۇ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت