ھىندىستاننىڭ «يادرو تەمىنلەش گۇرۇپپىسى» غا ئەزا بولۇشى خىتاينى ئەندىشىگە سالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-01-26
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارراك ئوبامانىڭ ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ «يادرو تەمىنلەش گۇرۇپپىسى» غا ئەزا دۆلەت بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوباما دۈشەنبە كۈنىدىكى ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «يادرو تەمىنلەش گۇرۇپپىسى» نىڭ 48-ئەزا دۆلىتى بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ بۇ ھەقتە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «يادرو تەمىنلەش گۇرۇپپىسى» غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز مەزكۇر خەلقئارالىق گۇرۇپپىغا يېڭى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇش مەسىلىسىگە قارشى ئەمەسمىز، لېكىن بىز ھىندىستاننى مەزكۇر گۇرۇپپىغا ئەزا بولۇشتىن ئاۋۋال بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز.»

مەلۇمكى، «يادرو تەمىنلەش گۇرۇپپىسى» 1975-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، ئۇ خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار ئۈچۈن كېڭەيتىلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئۇزۇندىن بۇيان ھىندىستاننىڭ بۇ گۇرۇپپىغا ئەزا بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى قارشىلىقى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تېررىتورىيە قارا نىيىتى ۋە پاكىستان بىلەن بولغان يادرو ھەمكارلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت