ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-09-01
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ 5 كۈنلۈك ياپونىيە زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.

ياپونىيە زىيارىتى، ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش مىنىستىرى مودىنىڭ تۇنجى چەتئەل زىيارىتى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئۇنى ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشى دەپ قارىماقتا.

ياپونىيە تاراتقۇلىرى بۈگۈن بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، ئىككى باش مىنىستىرنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىككى قوشۇلغان ئىككى» شەكلىدىكى خەۋپسىزلىك مودېلىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى شۇنداقلا ئۇنىڭ تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان رايونىغا بولغان سىياسىي قارا نىيىتىنىڭ كۈنسېرى يوغىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت