ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ھەربىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە كېلىشكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-14
Share

ھىندىستان بىلەن ياپونىيە ھەربىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى داۋاملىق زورايتىش ھەققىدە كېلىشكەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە بۇ كېلىشىمنىڭ خىتاينىڭ ئاسىيادا كۈنسايىن زورىيىۋاتقان تەسىرىگە قارىتا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ تۈرلۈك يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ئۈستىدە ئورتاق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىككى تەرەپ ئارمىيىلىرىنىڭ ئورتاق مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ھىندىستان خىتاينى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ «تۆت دۆلەت ئورتاق ھەربىي مانېۋىرى» ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىكەن. ئەمما بۇ نۆۋەت مودى شىنزو ئابې بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.

شىنزو ئابې مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئادەتتىكى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىن ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك دەرىجىسىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى،» دېگەن.

شىنزو ئابې بىلەن مودىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا دەتالىشى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت