ھىندىستان تۈرمىسىدىكى 3 ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.06.06

 2013-يىلدىن بېرى ھىندىستان تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خوتەنلىك ئۇيغۇرلاردىن 3 نەپەر ئاكا-ئۇكىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. «ئەل جەزىرە» قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى 6-ئايدا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ لاداق ئارقىلىق كەشمىرگە قېچىپ چىققان بۇ ئاكا-ئۇكىلار، نۆۋەتتە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. ئادىل تۇرسۇن، ئابدۇخالىق تۇرسۇن ۋە سالام تۇرسۇن ئىسىملىك بۇ ئۈچەيلەن 2013-يىلى 12-ئىيۇن كۈنى  خىتاي-ھىندىستان چېگرا كونترول سىزىقىدىن ئۆتۈپ، چېگرانىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى سۇلتان چۈشكۈ دېگەن جايدا ھىندىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئۇلار كېيىنكى كۈنى ھىندىستان-تىبەت چېگرا ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

«ئەل-جەزىرە» ئېلان قىلغان ھىندىستان ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار تۇتۇلغان ئەينى ۋاقىتتا سالام تۇرسۇن 20 ياش، ئابدۇخالىق تۇرسۇن 22 ياش ۋە ئادىل تۇرسۇن 23 ياشتا ئىكەن. ھىندىستان سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى 7-ئايدا ئۇلارنى چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتلىغان ھەم 18 ئايدىن قاماققا ھۆكۈم قىلغان. لېكىن 2015-يىلى بۇ ئۈچ نەپەر ئاكا-ئۇكىنى ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى بويىچە قايتا ئەيىبلىشى، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، بۇ ئون يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئىزتىراپقا سەۋەب بولغان. «ئەل-جەزىرە» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دائىرىلەر 2022-يىلى 24-دېكابىر كۈنى ھىندىستان ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى قارار قىلغان.

ھىندىستاننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى دائىرىلەرگە كىشىلەرنى 6 ئايغىچە سوتلىماي تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن. «ئەل -جەزىرە» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ھىندىستان دائىرىلىرى بۇ ئۈچەيلەننى ھەر نۆۋەت بىر قېتىم تۇتۇپ، 6 ئاي قامىغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىپ قايتا تۇتۇپ يەنە 6 ئاي قامايدىكەن. خەۋەردە، ھازىر ئادىل، ئابدۇخالىق، سالام ئۈچەيلەننىڭ ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا كەشمىرنىڭ جامۇ شەھىرىدىكى كوت بالۋال تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىق، ئۆزلىرىگە ۋاقىتلىق سىياسىي پاناھلىق بېرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارغا تېخى جاۋاب بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.