ھىندىستانلىق يولۇچىلار شاڭخەي پۇدوڭ ئايرودرومىدا خىتاي خادىملىرىنىڭ يولسىز مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-08-13
Share

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ۋەزىيىتى كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، شاڭخەي ئارقىلىق باشقا خەلقئارا ھاۋا لىنىيىسىگە ئالمىشىدىغان ھىندىستانلىق يولۇچىلارنىڭ پۇدوڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا يولسىز مۇئامىلىگە دۇچ كېلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

«بۈگۈنكى ھىندىستان» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-ئاۋغۇست كۈنى دېھلىدىن سان-فرانسىسكوغا قاراپ ئۇچقان خىتاي شەرق ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى شاڭخەيدىكى پۇدوڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا قونغان. ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ھىندىستانلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئايروپىلان ئالمىشىدىغان چاغدا چىقىش ئىشىكىدىكى  خىتاي خادىملارنىڭ يولسىز مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەن. ھەتتا مېيىپلار ھارۋىسىدىكى ھىندىستانلىق يولۇچىلارمۇ خىتاي خادىملارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ، قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلغان.

شاڭخەيدىكى پۇدوڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن بۇ يولسىز ۋەقە ھىندىستانلىق يولۇچىلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. 

يولۇچىلاردىن شىمالىي ئامېرىكا پەنجابلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ساتنام سىڭ چاخال ھىندىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى سۇشما ساۋاراجقا خەت يېزىپ، ھىندىستانلىق يولۇچىلارنىڭ خىتايدا ئۇچرىغان يولسىز مۇئامىلىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ھەمدە ھىندىستانلىقلارنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاي ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانىغا چىقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئايرودرومدىكى خىتاي خادىملارنىڭ بەدەن تىلىدىن ئۇلارنىڭ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان چېگرا جىددىيچىلىكىنى بۇ يەردىمۇ نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.» 

ھالبۇكى، خىتاي شەرق ھاۋا يوللىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھىندىستانلىق يولۇچىلارنىڭ شىكايىتىنى رەت قىلغان ۋە پۇدوڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا خىتاي خادىملارنىڭ ھىندىستانلىق يولۇچىلارغا يولسىزلىق قىلغانلىقىدىن تېنىۋالغان. 

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى ئالدىنقى ئايدا ھىندىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھىندىستاندا ئۇلغىيىۋاتقان «خىتاي ئۆچمەنلىكى» دىن ساقلىنىشىنى ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت