خىتاي ھىندونېزىيە مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئوقۇش مۇكاپاتىدىن پايدىلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.03.18

خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان خىتايغا پايدىلىق كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئوقۇش مۇكاپاتىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى مەلوم بولغان. «جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردا ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارغا خىتايدا ئوقۇشى ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىشنى كۈچەيتىپ، بۇنى ئۇلارنىڭ خىتاي توغرىسىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتايغا پايدىلىق كۆز قارىشى شەكىللەندۈرۈشتە قوللانماقتا ئىكەن.

خەۋەردە، بۇنىڭدىن ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرىدىن «ناھداتۇل ئۆلۈما»، «مۇھەممىدىييە» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتلارغا مەنسۇپ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىپ، خىتايدا ئوقۇتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. «جاكارتا پوچتىسى» نىڭ ئ‍ېيتىشىچە، نۆۋەتتە ھىندونېزىيەدىكى بۇ تەشكىلاتلار، شۇنداقلا خىتايدا ئوقۇۋاتقان بۇ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭ مۇنبىرى» دېگەندەك يىغىن، پائالىيەت ۋە زىيارەتلەرگە قاتنىشىپ، بۇ پائالىيەت ۋە يىغىنلاردا «شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئەتراپلىق قاراش كېرەك» دېيىشكەن، شۇنداقلا غەرب تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەسلىكنى ئېيتىشقان.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ 2019-ۋە 2020-يىللىرى «ناھداتۇل ئۆلۈما» نى چۈەنجوۋ، ۋۇخەندە ئۆتكۈزگەن ھىندۇنوزىيە-خىتاي ئىسلام مەدەنىيىتى يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقى، «ناھداتۇل ئ‍ۆلۈما» نىڭ تورىدا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىغا دائىر ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «جاكارتا پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي يەنە ھىندۇنوزىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىمۇ تەسىس قىلغان. خەۋەردە، خىتاينىڭ 2019-يىلى ئۇلارغا ئۆچۈش مۇكاپاتى بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا نۆۋەتتە خىتايدا 16 مىڭغا يېقىن ھىندۇنوزىيەلىك ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.