ئامېرىكانىڭ ھىندونېزىيە باش ئەلچىسى ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گەپ قىلىشقا ئۈندىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.10.16

ئامېرىكانىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوسېف كىچىك دونوۋەن ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئۈندىگەن. «جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دونوۋەن 15‏-ئۆكتەبىر ھىندونېزىيەدىكى مۇھەممەدىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دونوۋەن مۇھەممەدىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى خېدار ناشىر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «مەن مۇھەممەدىيە تەشكىلاتىنى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارشى داۋاملىق ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردۇم. شۇنداقلا بىز قايتا كۆرۈشۈپ، پۈتۈن بۇ مەسىلىلەردە يېقىندىن بىرگە ئىشلەشكە قوشۇلدۇق» دېگەن.

«جاكارتا پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دونوۋەن ئۆزىنىڭ بۇ زىيارەت ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر رايونىدا «تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر» نىڭ باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى يەتكۈزۈپ قويماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، دونوۋەننىڭ ھىندونېزىيەدىكى يەنە بىر چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولغان ناھدەتۇل ئۆلىمانى زىيارەت قىلىشى 16‏-ئۆكتەبىرگە توغرىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇ، ئۆزىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى يەرلىك مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىغا قىلغان زىيارىتىنىڭ كېچىككەنلىكى، «بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا زىيارەت قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق ۋاقىت يار بەرمىگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، «جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەدىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇل مۇتئى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئادىل ئېنىقلىنىشى ۋە پاكىتلارغا تايىنىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ مەسىلە بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە قارشى قوللىنىدىغان كوزۇرىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن. دونوۋەننىڭ ناھدەتۇل ئۆلىما بىلەن بولغان كۆرۈشۈشىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغانلىقى بىز مەلۇم ئەمەس. ئەمما ناھدەتۇل ئۆلىمانىڭ رەھبىرى سائىد ئاقىل سراج ئىلگىرى «ھىندونېزىيەنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئەندىشە قىلىشى ھاجەتسىز» ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ «ئۇنچىلىك ناچار ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى دىنىي تەشكىلاتنى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.