ھىندونېزىيەنىڭ غايىب بولغان يولۇچىلار ئايرۇپىلان پارچىلىرى ۋە جەسەتلەر تېپىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.12.30


خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 30 - دېكابىردىكى خەۋەرلىرىدە، 28 - دېكابىر تۇيۇقسىز غايىپ بولغان ھىندونېزىيەنىڭ «ئاسىيا ھاۋا يولى - 8501» ناملىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇق پارچىلىرى ۋە بىر قىسىم جەسەتلەر ھىندونېزىيە ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن تېپىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئايروپىلاننىڭ قازاغا يولۇقۇش سەۋەبى ھەققىدە باشقا ئۇچۇر بېرىلمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئايروپىلان ھىندونېزىيەنىڭ سۇرابايا شەھىرىدىن سىنگاپورغا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئايروپىلان غايىپ بولغاندا جەمئىي 162 يولۇچى بار ئىكەن.

3 كۈندىن بۇيان ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ھاۋا ۋە سۇدىن ئىزدەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 2014 - يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ غايىپ بولۇش ئەھۋاللىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەردى. ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئايرۇپىلان غايىپ بولۇش ۋەقەلىرى مالايشىيا ئايروپىلانلىرىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل 8 - مارت 239 يولۇچىنى ئېلىپ ماڭغان مالايشىيا ھاۋا يوللىرى ئايروپىلانىنىڭ غۇيىپ بولۇش سەۋەبى ۋە ئايروپىلان ھەققىدە ھازىرغا ئېنىقلانمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.