ئاتاقلىق چاقچاقچى ھىسام قۇرباننىڭ ئۆي مەسىلىسى تېخىچە ھەل بولمىغان

خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئاتاقلىق چاقچاقچى ھىسام قۇربانغا «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى» دەپ نام بەرگەن. لېكىن مەزكۇر نامغا ئېرىشكەن ھىسام قۇرباننىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر ھەل بولمىغان.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىسام قۇرباننىڭ ئوغلى مەخمۇت ھىسام بۇ يىل 2‏-ئايدا مىكرو بلوگقا ئىنكاس يېزىپ، ھىسام قۇربان ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ مۈلكىيەت ھوقۇقى ھەل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت ھازىر ھىسام قۇربان ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا پاراۋانلىق نامىدا بېرىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تەشۋىق قىلغان.

ھىسام ئاكىنىڭ بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۆينىڭ مۈلكىيەت ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ھىسام ئاكا ھۆكۈمەت بەرگەن ئۆيدە ئىجارىگە ئولتۇرۇپ كەلگەن. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خەۋەر توردا غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلغان-قىلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەسكەن.

خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى 2010‏-يىلى ئۇيغۇر چاقچىقىنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، دەپ قوبۇل قىلغان. ھىسام قۇربان 2012‏-يىلى 12‏-ئايدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى، دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ گۇۋاھنامىسىنى يېقىندا يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەدىردىن، ھىسام ئاكىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.