خىتاي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» تېمىسىدا مەخسۇس خىزمەت يىغىنى ئاچقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«بىڭتۇەن گېزىتى» چىقارغان بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-ئىيۇن كۈنى خىتاي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» تېمىسىدا مەخسۇس خىزمەت يىغىنى ئاچقان. 

بۇ يىغىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي تالان-تاراج ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسىدە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناۋاتقان بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ جيەنمىڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

ليۇ جيەنمىڭ خىتاي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەزالىرىدىن «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىنى «ئىلغار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان ماكان» غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ليۇ جيەنمىڭ بۇ يىغىندا شى جىنپىڭ ۋە ما شىڭرۈينىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى» دېگەن ئىدىيەسىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنى بۇ سەپكە ئاكتىپ قېتىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجرائات شەكلى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تۈسىنى ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت