ئۈرۈمچىدە «4-نۆۋەتلىك خىتاي ياۋرۇ-ئاسىيا بىخەتەرلىك كۆرگەزمىسى» باشلانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-08-17
Share

17-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارالىق يەرمەنكە مەركىزىدە «4-نۆۋەتلىك خىتاي ياۋرۇ-ئاسىيا بىخەتەرلىك كۆرگەزمىسى» باشلانغان بولۇپ، يەرمەنكىدە بىخەتەرلىك قوغداش ۋە ساقچى قىسىملىرى ئىشلىتىدىغان تۈرلۈك ھەربىي ئەسلىھەلەر كۆرگەزمە قىلىنغان ئىكەن.

«جۇڭگو خەۋەرلەر» تورى ئىنگلىزچە قىلىپ تارقاتقان خەۋىرىدە، بۇ يەرمەنكىگە 30 دىن ئوشۇق دۆلەتتىن كەلگەن 5000 دەك ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قاتناشقانلىقىنى، كۆرگەزمىدە تۈرلۈك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر، بولۇپمۇ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىخەتەرلىك كامېرالىرى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ماشىنا ئادەملەرنىڭ كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي ياۋرۇ-ئاسىيا بىخەتەرلىكنى قوغداش يەرمەنكىسى» ۋە «10-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەسلىھەلىرى كۆرگەزمىسى» نى ئېچىپ، بۇنى ھەر يىلى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق يەرمەنكىلەر ئارقىلىق بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا قانۇنىيلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىماقتا.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىر ھەددىدىن زىيادە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشى ۋە مىڭلاپ‏-ئونمىڭلاپ ساقچى قوشۇنى سەپلىشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئادرىيان زېنز ۋە جەيمىس لېبولد قاتارلىق تەتقىقاتچىلار بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىر ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق «ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى» يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت