HSBC «شىنجاڭ پاختىلىرى» نىڭ كېلىش مەنبەسىنى نازارەت قىلىشنىڭ يېڭى چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.02.15

HSBC، يەنى باش شتابى لوندوندىكى بانكا ۋە مالىيە-ئىقتىساد گۇرۇھىنىڭ سېراي دىگىتال سودا مۇنبىرى كىيىم-كېچەك سانائىتىدىكى پاختا ۋە باشقا خام ماتېرىياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى نازارەت قىلىشنىڭ بىر چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، HSBC ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتى ئامېرىكانىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن خام ئەشيا مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ ئېنىقلاشنىڭ بۇ خىل يېڭى چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشنى بىردەك چەكلىگەنىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، HSBC نىڭ يېڭى ھەل قىلىش چارىسىدە مال بىلەن تەمىنلىگۈچى ئۆزلىرىنىڭ خام ئەشيانى قانداق ئىشلەپچىقارغانلىقىدىن تارتىپ، مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئېكسپورت قىلىشقىچە بولغان ھەر بىر باسقۇچنى دىگىتال سودا مۇنبىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزىدىكەن. HSBC سېراي دىگىتال سۇپىسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ۋىۋەك راماچاندىران مۇنداق دېگەن: «بۇ سۇپا پۈتكۈل تەمىنات زەنجىرىگە ئېنىقلىق ۋە ئوچۇقلۇق ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ھەر بىر باسقۇچتىكى سانلىق مەلۇماتنى مۇستەھكەملەيدۇ».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ چارە ئامېرىكا قانۇن ماقۇللاپ، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە مال سېتىۋالغۇچى ۋە ساتقۇچىنىڭ پاختا ۋە باشقا ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىسپاتلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن». خەۋەردە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 85 % پاختىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، ئامېرىكانىڭ 2019-يىلى خىتايدىن 50 مىليارد دوللارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى ئىمپورت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.