ئىككى كانادا پۇقراسى ئۆز دۆلىتىگە قايتتى، ھۈسەيىن جېلىلدىن ھېچ خەۋەر يوق

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.09.27

خۇاۋېي شىركىتى خوجايىنىنىڭ قىزى مېڭ ۋەنجو خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، يەڭ ئىچىدىكى بۇ سودىدا خىتاينىڭ يەڭگەنلىكى كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ كەلمەكتە.

«چولپان» (The star) تورىدا ئىككى كانادالىقنىڭ ئاخىرى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكى، ئەمما كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىنىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مايكېل كاۋرىڭ بىلەن مايكېل سپاۋور 1020 كۈن تۈرمىدە ناھەق ياتقاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ خۇشال بولدى. ئەمما تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۈچىنچى كانادالىق نېمە بولۇپ كەتتى؟ 2006-يىلدىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قاماقتىكى كۈنلىرى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدىغۇ؟»

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقاندىن بېرى كانادانىڭ بىرەر كونسولىمۇ ئۇنى يوقلاپ قويمىغان. 5 يىل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ھەدىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى، ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكى نامەلۇم ئىكەن.

ھۈسەيىن جېلىل 2001-يىل ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان مۇساپىرلار قاتارىدا كاناداغا كەلگەن بولۇپ، 2005-يىل كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. شۇ يىلى ئۇ ئايالىنى ئېلىپ ئۆزبېكىستاندىكى تۇغقانلىرىنى يوقلىغىلى بارغاندا، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئۇنى تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ خىتاي ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مايكېل كاۋرىڭ بىلەن مايكېل سپاۋورنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، كانادا تاراتقۇلىرى ھەر ۋاقىت بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ كەلگەن، ئەمما ھۈسەيىن جېلىلنى ئۇنتۇپ كەتكەن. كانادا ھۆكۈمىتى ئەگەر ئادىل بولىمەن دەيدىكەن، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشى، بارلىق چارىلەر بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئايالى ۋە تۆت بالىسى بىلەن جەم قىلىشى كېرەك ئىكەن، شۇنداق بولغاندا بارلىق كانادالىقلارنىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.