خىتاي مۇتەخەسسىسلەر دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-08-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۈگۈن، يەنى 1-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئىنگلىزچە سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى ھەرقايسى دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرىدا دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشنىڭ توغرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 7-ئاينىڭ 31-كۈنى كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان «خىتاي مەملىكەتلىك 6‏-قېتىملىق دىنىي زاتلار يىغىنى» دا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى، يېڭى يىل، چاغان مۇراسىملىرىدا شۇنداقلا ھەرقايسى دىنلارنىڭ مۇھىم بايراملىرىدا دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرىدا دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلغان لاسا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شيوڭ كۈنشىن خىتايدىكى ھەرقايسى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشقا ۋە سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئۇ خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتايدىكى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بىر تەشكىلات ئەمەسلىكى ۋە ئېتىقادچى ئاممىغا ۋەكىل بولالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلەرگە جاۋاب سۈپىتىدە ئىزاھات بەرمىگەن. شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى يېن كېجيا دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرىدا بايراق چىقىرىشنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش مەنىسىنى بەرمەيدىغانلىقى، چۈنكى بايراقنىڭ سىياسەتنىڭ ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەسچىتلەردە بايراق چىقىرىشنى 2011 ‏-يىلى باشلىغان. كېيىنچە ھەر دۈشەنبە كۈنى كەنتلەردە بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنى مەجبۇرى قاتناشتۇرىدىغان بولغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت