شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە باشلاندى
2016.06.23
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە باشلاندى. بۇ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 16-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سەيشەنبە كۈنى تاشكەنتكە يېتىپ كەلگەن.
2 كۈنلۈك يىغىندا بىخەتەرلىك، تېررورلۇق مەسىلىسى، ئافغانىستان ۋەزىيىتى، پاكىستان، ھىندىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەنىۋەر ناسىروف، بۇ يىغىندا ش ھ ت نىڭ 2016 ۋە 2020-يىللىق ھەرىكەت پىلانى ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، ھەرىكەت پىلانى سىياسىي، ئىقتىسادى، بىخەتەرلىك، مەدەنىيەت ئىشلىرىدىكى كونكرېت ھەرىكەت مىزانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ش ھ ت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىغا، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئىزچىل زىچ ماسلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.
ھالبۇكى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ رۇسىيە-ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى لى جىنفېڭ «خىتاي خەۋەرلەر» گېزىتىگە بەرگەن بايانىدا، ش ھ ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ يىغىن بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك» دېگەن.
بۇ يىغىندا 2017-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش قارارغا باغلىنىشى مۇمكىن. ئەمما پەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ ئىراننىڭ ئەزالىقىنى قارارغا باغلاش تەكلىپى خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.









