خىتاي دوختۇرلىرىنىڭ مېڭىسى ئۆلمىگەن ئادەملەرنىڭ ئىچ ئورگانلىرىنى خالىغانچە ئالىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«ئاكسيۇس» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دوختۇرلىرى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ۋە كەسپىي مەشغۇلات تەرتىپىگە رىئايە قىلمايدىغان «قاسساپلار» بولۇپ، مېڭىسى ئۆلمىگەن ئادەمنىڭ ئىچ ئورگانلىرىنى ئېلىش ۋە كۆچۈرۈش ئىشلىرىنى خالىغانچە ئېلىپ بارىدىكەن.

بۇ ماقالىدە، 1980-يىلدىن 2015-يىلغىچە خىتاينىڭ مېدىتسىنا ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان 71 پارچە ماقالىنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش دوكلاتىدىكى مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دوختۇرلىرى مېڭە ئۆلۈمىنى جەزملەشتۈرۈش ئۆلچىمىگە رىئايە قىلمايدىكەن، يەنى ئۇلار بىر ئادەمنىڭ مېڭىسى ئۆلمىگەن ئەھۋالدىمۇ ئۇنىڭ ئىچ ئورگانلىرىنى سۇغۇرۇۋالىدىكەن. مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، ئىسرائىلىيە تېل-ئاۋىۋ مېدىتسىنا مەركىزى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاكوب لاۋى (Jacob Lavee) مۇنداق دېگەن: «بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئاۋۋال ئويلايدىغىنى ئىچ ئورگان سودىسى، ئۇلار ‹ئىنسانغا زىيانكەشلىك قىلمايمىز› دەيدىغان ئەقەللىي تېببىي قائىدىگىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نەچچە ئون يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچ ئورگانلىرىنى ئېلىۋېلىشقا يول قويۇپ كەلگەن. بۇ، ئىنسانلىق ۋە تېببىي ئەخلاق جەھەتتىن قوبۇل قىلغۇسىز ۋەھشىيلىك بولۇپ، جېنى ھەر قانچە ئەرزىمەس بولۇپ كەتكەن ئادەمنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى تەقدىم قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىش ھوقۇقى بولىدىكەن. 2015-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇنداق ئۇسۇلنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، «ئىچكى ئورگانلارنى پىدائىيلارچە تەقدىم قىلىش سىستېمىسى» قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بۇ سىستېمىغا قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆزى خالاپ ئورگان تەقدىم قىلغانلىقى بىر سىر بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى گۇمانغا سالىدىكەن.

رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر دوختۇرلار ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئورگان تىجارىتى ئۈچۈن مول مەنبە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاڭلاتقانىدى. ئامېرىكادىكى تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە ئوبزۇرچى ۋېرلىمەن، شاڭخەيدىكى بىر خىتاي ئايالنىڭ ۋىدىيوسىنى مىسال كۆرسىتىپ، 37 نەپەر سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىمارغا ئۇيغۇر رايونىدىن كەلتۈرۈلگەن «ھالال ئورگان» نىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكىنى، دېمەك، لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئورگان تىجارىتىگە قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.