كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ئۇيغۇرلارنى ئىدىيە جەھەتتىنمۇ قۇل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-02-22
Share

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 22-فېۋرال چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، بىڭتۇن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ بىڭتۇەن ئىدېئولوگىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچقان بولۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن سەپ بويىچە تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە جاپالىق بولىدىغانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، «ھەر مىللەت خەلقى كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى بەرپا قىلىش، ۋەتەن ئېڭى، خىتاي ئېڭى، خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتايچە سوتسىيالىزم ئېڭىنى كۈچەيتىش؛ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىقلار ئىدېئولوگىيەلىك خىزمەتنىڭ مۇھىم ھالقىسى دېيىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ھەقىقەتەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىدىيىۋى خىزمەت مىسلى كۆرۈلمىگەن زوراۋانلىق ۋە كۈچلۈك تەشۋىقات ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن قورقۇتۇش، بىر ياقتىن قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى ئېتىقادتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، ئاتئېزىملىق دۇنيا قاراش ۋە خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە ياشاشقا سەپەرۋەر قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ياشاش شەكلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا، بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ئوخشاش تەرەققىياتتا ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت